ب د ت: شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن ئېچىنىمىز

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارى ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغانلىقىدىن قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 13-سېنتەبىر جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كۈز پەسىللىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى رايونغا كىرىپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىم ھەققىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنى دوكلات قىلالمىغانلىقىمىزدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن. ئىشخانام ئاخىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى ھەققىدە ئېرىشكەن ئاخىرقى مەلۇماتلارنى پات يېقىندا باھالاشنى تاماملاپ، ئاممىغا ئاشكارىلايدۇ» دېدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باچېلېت ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىك ۋە باستۇرۇشلار ھەققىدە رايونغا كىرىپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلە ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن جىددىي ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما 13-سېنتەبىر ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ، رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئۇرۇنۇش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان. شۇنداقتىمۇ ب د ت ئىشخانىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى باھالاش دوكلاتىنى تەييارلىماقتا ئىكەن.

ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىشەنچلىك دوكلاتلارغا قارىغاندا، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار جازا ھەرخىل دەپسەندىچىلىكلەرگە، قىيىن – قىستاقلارغا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بولسا بۇ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 824 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2021 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق