ياپونىيە كاندىدات باش ۋەزىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ رەھبىرى ۋە كېيىنكى باش مىنىستىرنىڭ رىقابەتچىسى فۇمىئو كىشىدا 13-سېنتەبىر ياپونىيەنىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى بىلەن قوغدىنىش قىسىملىرى ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ ئۆكتەملىك قىلىشىغا قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  29-سېنتەبىر لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىدا، پەقەت ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرىلا پارتىيە رەھبىرىگە بېلەت تاشلىيالايدىكەن ئەمما كاندىداتنىڭ ئاۋامنىڭ نەزىرىدىكى تەسىرىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، سايلامدا يەڭگۈچى پارتىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ بۇ يىللىق چوڭ سايلامغا قاتنىشىدىكەن.

فۇمىئو كىشىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «ياپونىيەنىڭ ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك مۇھىتى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا، بىز دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى قوغدىنىش قىسىمى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق دېڭىز بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك» دېگەن.

فۇمىئو كىشىدانىڭ كۆرسىتىشىچە، ياپونىيەنىڭ دۈشمەننىڭ نىشانىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئېرىشىشى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان تاللىشى بولۇپ، پۇقرالارنى قوغداشقا ئېھتىياجلىق بولغاندا، مۇداپىئە چىقىمىنى ياپونىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 1 تىن تۆۋەن كونترول قىلىشتا قارىغۇلارچە چىڭ تۇرۇشقا بولمايدىكەن.

فۇمىئو كىشىدا يەنە، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئەگەر سايلىنىپ قالسا، ئۆزىگە ياردەمچى تەيىنلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: «ئوخشاش ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشى بار دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ياپونىيەدە ئەركىنلىك، دېموكراتىيە مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرىمەن» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھەپتە ئاخىرىدا باش ۋەزىر يوشىخىدې سۇگانىڭ ۋارىسى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا، ۋاكسىنا ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىر تارو كونو ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كاندىدات بولۇپ قالغان. ھەپتە ئاخىرىدىكى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا %33 زىيارەت قىلىنغۇچى تارو كونونى تاللىغان بولۇپ، سابىق دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى شىگېرۇ ئىشىبانىڭ قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتى %16، كىشىدا فۇمىئونى قوللاش نىسبىتى % 14 بولغان.

بۇ خەۋەر 1098 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2021 15:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق