گۇانتانامو قاراۋۇلى ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىش جەريانىنى ئاشكارىلىدى

گۇانتانامودا تۈرمە قاراۋۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ستېۋ ۋۇد ئەلجەزىرە نەق مەيدان پىروگراممىسىدا ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە تۈرمىدە ياتقان نۇرغۇن مۇسۇلمان مەھبۇسلار، بولۇپمۇ ھېچقانداق جىنايەت ياكى سوتلاش بولماستىن 15 يىلغا يېقىن سولانغان 760-نومۇرلۇق ماۋرىتانىيەلىك مەھبۇس مۇھەممەد ۋۇلد سالاھىنىڭ تەسىرىدە ئىسلام دىنىغا كىرگەن.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 12-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ستېۋ ۋۇد مۇخبىرغا:

گۇانتانامودىكى مۇسۇلمان مەھبۇسلارنىڭ شۇنچە قىيىن – قىستاقلاردىمۇ ئۆزىنىڭ ئېتىقادى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشى ۋە ئەخلاقى قاتارلىق ئەمەلى ھاياتى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە 760-نومۇرلۇق ماۋرىتانىيەلىك مەھبۇس مۇھەممەد ۋۇلد سالاھى بىلەن تونۇشۇشۇم ھاياتىمدا تېخىمۇ چوڭ بۇرۇلۇش پەيدا قىلدى ۋە كېيىن ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ ئىماننىڭ لەززىتىنى تېتىدىم» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مۇھەممەد ۋۇلد سالاھى تۈرمىدە يالغۇز كىشلىك كامىرغا قامالغان ۋە ھەر كۈنى دۇچ كەلگەن ناچار شارائىتلاردىمۇ ئېتىقادىدا مۇستەھكەم تۇرۇشى، كەڭ قورساقلىقى، تەمكىنلىكى، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ قىلچە ئۆزگەرمەستىن تېخىمۇ مۇستەھكەم ھالدا ئىسلام دىنى ئەھكاملىرىنى چىڭ تۇتۇشى، ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان ۋە ۋەزىپىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ئۇنى يوقلاش ئۈچۈن ماۋرىتانىيەگە بارغان.

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، غەرب جەمئىيىتىدىكى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا خاتا كۆز قاراشلار سەۋەبلىك دەسلەپتە بىر قانچە يىل ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىق خەۋىرىنى ئائىلىسى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن يوشۇرۇن تۇتقان.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلغان ئۆچمەنلىك ۋە ئىرقچىلىق مەسىلىسىنى قەتئىي بىر تەرەپ قىلىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

نۆۋەتتە سابىق مەھبۇس مۇھەممەد ۋۇلد سالاھى تۈرمىدە يېزىپ چىققان «گۇانتامو كۈنلىرىم» ناملىق كىتاب 30 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغاندىن سىرت، كىتابتىكى ۋەقەلىككە ئاساسەن ھوللىۋۇدتا كىنو ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ كىنومۇ ئوسكار مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەن.

بۇ خەۋەر 2740 قېتىم كۆرۈلدى
13/09/2021 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق