ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشىنى تەلەپ قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى كېلەر ھەپتە نيۇ-يوركتا ئېچىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارلامېنت ئەزاسى ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە مەكتۇپ يېزىپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنى تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشىغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى سكوت پېررى بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم تىفانى 

9-سېنتەبىر ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى توماس-گىرىنفىلىدقا مەكتۇپ ئەۋەتىپ بايدېن ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى سۆزلەش، بېلەت تاشلاش ۋە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشىگە ياردەم بېرىشكە چاقىرغان.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم تىفانى ئۆزىنىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ھېساباتىدا، مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلاپ، «تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن 50 يىل چەتكە قېقىلىشنى چۈشەندۈرىدىغان قايىل قىلارلىق دەلىل يوق» دېگەن. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەننىڭ ئىقتىسادى دۇنيادا تەخمىنەن 20-ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئۇندىن باشقا ئامېرىكىنىڭ ئونىنچى چوڭ سودا ھەمراھى ئىكەن. تەيۋەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان ئاساسلىق ئىتتىپاقداش دەپ قارىلىدىكەن. 

پارلامېنت ئەزالىرى خېتىدە ئامېرىكىنىڭ كۇبا، ئىران، شىمالى كورىيە ۋە سۇرىيەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما تەيۋەننى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگانلىرىغا سىڭىپ كىرىشىگە يول قويۇپ، تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇش تەلىپىنى قايتا-قايتا رەت قىلىشى پۈتۈنلەي ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس ئىكەن.

پارلامېنت ئەزالىرى يەنە، «تەيۋەننىڭ ئورنىنى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بىر ئورۇنغا كۆتۈرۈش دېموكراتىيە ۋە قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنىڭ غەلىبىسى بولىدۇ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ جاۋشې يېقىنقى ئايلاردا نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئاكتىپ مەكتۇپ يازغان ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى تەيۋەننى ئەزالىققا قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان. ۋۇ جاۋشې مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى ياپونىيە تاراتقۇسى «كۈندىلىك خەۋىرى» گە يازغان خېتىدە، تەيۋەننىڭ ياخشى كۈچ ئىكەنلىكىنى، ب د ت نىڭ تەيۋەننى چەتكە قېقىشى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، بەلكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي تىرىشچانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت نىڭ 76-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە نيۇ-يوركتا ئېچىلىدىكەن. پارلامېنت ئەزالىرى خېتىدە باش ئەلچى توماس گرىنفىلىدنىڭ 14-چېسلادىن بۇرۇن پارلامېنتقا جاۋاب قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 2233 قېتىم كۆرۈلدى
13/09/2021 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق