خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى»نى كۆپەيتتى

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش، ھەمدە ئاسمىلاتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن، تارىخ سارىيى قاتارلىق 15 ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى» غا 4-تۈركۈمدە ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى» دەپ نام بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى» 91 گە يەتكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتايلارنىڭ تارىخىي بويىچە مەجبۇرىي تەربىيەلەپ، خەلقنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل مەقسىتىدە، ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى تارىخ سارىيى»، «قونجىراپ تاموژنىسى شۇيبۇلاڭ جىلغىسى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى»، ئاتالمىش «شىنجاڭ رەڭلىك مېتال كۆرگەزمىخانىسى»، قەشقەر ئىنىستىتوتى ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە بازىسى»، قومۇل ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، تاڭ ۋاڭچېڭ مىڭ يىللىق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش مەركىزى قاتارلىق 15 ئورۇننى ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى» غا ئۆرگەرتكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاي ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە» ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتكەن بولۇپ، قاتلاممۇ قاتلام قىزىل باش تېمىلىق فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى، گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسىنى ساراي ئىچىگە كىرگۈزۈپ، قىزىل كۆرگەزمىنى كۆرۈش دولقۇنى قوزغاشنى نىشانلاپ شۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنغان.

خىتاي يېقىنقى يىللاردا، ئاتالمىش «خىتايلاشتۇرۇش» پىلانى دائىرىسىدە، بىر تەرەپتىن مىليونلارچە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولاپ يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەتتە قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر خىل ناملار بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ يەرلەشتۈرمەكتە ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان مېڭە يۇيۇش، ئاسمىلاتسىيە قىلىش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

بۇ خەۋەر 2817 قېتىم كۆرۈلدى
13/09/2021 13:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق