كىتاب ئوقۇغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

كىتاب ئوقۇغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

ئالماس ھاجى

 

كىتاب ئىنسان ئەقلىنىڭ جەۋھىرى، ھايات يوللىرىنىڭ كۆرسەتمىسى، تۇرمۇش بىلىملىرىنىڭ خەزىنىسى، تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچى، قەلبكە نۇر چاچقۇچىدۇر.

كىتاب ئوقۇغاندا مۇھىمى كىتابتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مېنىڭچە تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردىن مۇۋاپىق كەلگىنىنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ:

1. ئالدى بىلەن ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان كىتابلارنى تاللاپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ پىلانلاشتۇرۇۋالسا ياخشىراق بولىدۇ. بۇنداق پىلان يېڭى كىتابلارغا ئورۇن بەرگەن ھالدا تۈزۈلگىنى مۇۋاپىق. كىتاب ئوقۇش پىلانى تۇرمۇش تەرتىپلىرى قاتارىغا قويۇلغاندا ئۈنۈمدارلىققا ئىگە بولىدۇ. بۇ پىلان كىتاب ئوقۇغۇچىغا ھەيدەكچى بولىدۇ، ئۇنى كىتابتىن نەپ ئېلىشقا، بىلىم قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەيدۇ.

2. ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ھەر كۈنى كىتاب ئوقۇشقا مۇقىم ۋاقىت ئاجرىتىش. بۇنداق قىلغاندا كىتاب ئوقۇش دائىملىققا، ئادەتكە ئايلىنىدۇ. كىتابنى دوست تۇتۇشتا بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى ياخشى، چۈنكى كىشى ھەركۈندىكى تەكرارلىنىشتا بۇنىڭغا كۆنۈپ قالىدۇ. كۆنگەن ھەممىدىن يامان، ئۇنى تاشلىغىنى بولمايدۇ.

3. كىتاب ئوقۇغاندا مۇھىم دەپ بىلگەن جايلارغا بەلگە قويۇپ مېڭىش كېرەك. ھەركىم ئۆزى ئويلىغىنى بويىچە كىتابتا ئۆزىگە كېرەك جايلارنى تۈرگە ئايرىپ بەلگە قويۇپ مېڭىش كېرەك. مەسىلەن: خاتىرىلەپ قويۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار، ئەسلەتمە مەزمۇنلار، سېلىشتۇرمىلار، ئىزدىنىشكە تېگىشلىك تەرەپلەر، گۈزەل سۆز-ئىبارىلەر، ئەقلىيە سۆزلەر قاتارلىقلار. بۇنداق قىلغاندا كىتابنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

4. كىتاب ئوقۇشتا خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ كىتاب ئوقۇشتىكى ھالقىلىق مەسىلە. خاتىرە قالدۇرغاندا مەزمۇنلارنى تۈرگە ئايرىپ خاتىرە قالدۇرغان ئەۋزەل. مەسىلەن: 1) ئەقلىيە سۆزلەرنى ئايرىم خاتىرىلەپ ماڭغاندا، بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ خاتىرە ئەقىل خەزىنىسىگە ئايلىنىدۇ. 2) ئەسلەتمە مەزمۇنلارنى خاتىرىلەپ ماڭغاندا، سىزنىڭ ئىزدىنىشىڭىز مەسىلىلەرنى توغرا تونۇشقا ياردەم بېرىپ، تەپەككۇرىڭىزنى قاناتلاندۇرىدۇ، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشقا ئۆگىتىدۇ. 3) كىتابتىن ئالغان تەسىراتىڭىزنى يېزىپ ماڭسىڭىز، سىزنى مەنتىقلىق پىكىر قىلىشقا يېتەكلەپ، ھەقنى تونۇيدىغان، ۋىجدان سورىقىنى بىلىدىغان، كۆز قاراشلىرىڭىزنى دادىل، ئوقۇمۇشلۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان قىلىپ تەربىيەلەيدۇ.

يۇقىرىدىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلغاندا كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۆگىنىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. نوقۇل ھالدا كىتاب ئوقۇشلا بولۇپ قالسا، ئۆگىنىش ئۈنۈمدارلىقى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. شۇڭا بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇقتىلار بويىچە يېتەكلەش لازىم.

 

2021-يىلى 5-سېنتەبىر، ئىستانبۇل

بۇ خەۋەر 4001 قېتىم كۆرۈلدى
13/09/2021 10:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق