ئۆركەش دۆلەت تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى

تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى ۋە زىيارەت جەريانىدا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىر قاتار كۆرۈشۈشلەردە بولدى. زىيارەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەممۇ ھەمراھ بولغان بولۇپ، 6-سېنتەبىر ئىيى پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياۋۇز ئاغىرئەلى ئوغلى ھەيئەتنى پارتىيە مەركىزىدە كۈتۈۋالدى.

ئۇچرىشىشتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى ۋە بۇنىڭغا قارىتا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقى، خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى ئىسلام دۇنياسىنى ئويغىتىشتا تۈركىيەنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 

ئۇچرىشىشتا ئۆركەش ئەپەندى يەنە تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن ھەمكارلىشىشى توغرىسىدىكى پىكىر -تەكلىپلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. 

يەنە ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىزچىل ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتقان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىجى ئەپەندىمۇ 7-سېنتەبىر ئۆركەش دۆلەت باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى پارتىيە مەركىزىدە قوبۇل قىلدى. 

كۆرۈشۈشتە ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە بۇنىڭغا قارشى تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە تەپسىلىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.

مۇستافا دەستىجى ئەپەندى ھەيئەتكە قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئىسلام دۇنياسىنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ سۈكۈتتە تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئەكسىچە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئورتاق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ئەمما رېئاللىقنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭلاشقا پارتىيەنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەرىقىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇستافا دەستىجى ئەپەندى ئۆركەش دۆلەت ئەپەندىنىڭ تۈركىيەنىڭ بولۇپمۇ، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ تەيۋەن بىلەن ھەمكارلىشىشى توغرىسىدىكى تەلەپ-پىكىرلىرىگە جاۋابەن، پارتىيەسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خىتايغا قارشى دۆلەت ۋە گۇرۇھلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ خەۋەر 4020 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2021 16:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق