فىلىپپىن ساقچىلىرى تۆت خىتاينى ئېتىپ ئۆلتۈردى

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى فىلىپپىن ساقچىلىرى زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا تۆت خىتاي زەھەر ئەتكەسچىسى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

فىلىپپىن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 7-سېنتەبىر فىلىپپىننىڭ زەھەر چەكلەش ئالاھىدە ئەترىتى زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىغا قارشى ھەرىكەت ئىجرا قىلغان بولۇپ، 68 مىليون دوللار قىممىتىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە بىر قىسىم قوراللارنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ جەرياندا تۆت خىتاي ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ساقچى دائىرىلىرى مەزكۇر خىتايلارنىڭ ساقچىلار بىلەن قوراللىق ئېتىشقانلىقىنى ۋە قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئوق تېگىپ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى دۇتىرت (Rodrigo Duterte) بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، مەزكۇر خىتاي جىنايەتچىلەرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ئەمما ھەرقانداق چەت ئەللىكنىڭ فىلىپپىننىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇنىڭ بۇ سۆزى فىلىپپىنلىق تور ئەھلىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلار دۇتىرتنىڭ خىتايلار ئۈچۈن ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ئەمما نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن فىلىپپىنلىقلار ئۈچۈن ئىنكاس بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئەيىبلەشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار بۇندىن باشقا يەنە ئۈچ خىتاي جىنايەتچىنى قولغا چۈشۈرگەن.

بۇ خەۋەر 3884 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2021 15:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق