خىتاي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ، خىتايمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا دىپلوماتىك ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە كورىيەگە زىيارەتكە بارغان.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى يېقىندا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنلا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 10-سېنتەبىردىن باشلاپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، رايوندىكى مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 10-سېنتەبىردىن 15-سېنتەبىرگىچە ۋاڭ يىنىڭ ۋىيېتنام، كامبودژا، سىنگاپور ۋە كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تۆت دۆلەت ئىچىدە ۋىيېتنام بىلەن سىنگاپور ئاۋغۇست ئېيىدا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامالا ھارىسنى(Kamala Harris)كۈتۈۋالغان. كامبودژا ۋە كورىيەمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6-ئاي ۋە 7-ئايدا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرماننى (Wendy Sherman) كۈتۈۋالغان. 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاي مەزكۇر تۆت دۆلەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ۋە ئاتالمىش «خەلقئارالىق ئادالەتنى ئورتاق قوغداش» ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيەسى ۋە كۈچىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قارىتىدىغانلىقىنى، دىققىتىنى خىتايغا قارشى رىقابەتكە مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاڭ يىنىڭ بۇ ھەرىكىتى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقنى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقىنى يوققا چىقىرىشنى  مەقسەت قىلغان. بۇ دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىككى چوڭ كۈچ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئۇزۇن مۇددەت ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلاشقا تېگىشلىك مەسىلىگە ئايلانغان.

بۇ خەۋەر 3512 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2021 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق