يېقىندا خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى ئىشلىتىش ئاساسىدا ئېلان قىلغان ئىككى تەتقىقات ماقالىسى داڭلىق ئىككى ئىلمىي ژۇرنال تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلگەن.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىككى ماقالىسى 2019-يىلى «خەلقئارالىق قانۇنىي مېدىتسىنا ژۇرنىلى» بىلەن «ئىنسان ئىرسىيىتى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، «ئىنسان ئىرسىيىتى ژۇرنىلى» 30-ئاۋغۇست، «خەلقئارالىق قانۇنىي مېدىتسىنا ژۇرنىلى» 7-سېنتەبىر خىتاي تەتقىقاتچىلارنىڭ ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىسىنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان. بۇ ئىككى تەتقىقات ماقالىسىنىڭ ئاپتورلىرى كۆپ بولۇپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ باش قانۇن دوختۇرى لى سەيشيا قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكا 2020-يىلى 5-ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق، دېگەن سەۋەب بىلەن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ قانۇن دوختۇرلۇق تەتقىقات مەركىزىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ۋە بۇ ئورۇنغا ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىنى سېتىپ بېرىشنى چەكلىگەن.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 2019-يىلى مەزكۇر ئىككى ئىلمىي ماقالە ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى ئانالىز قىلغانلىقى ۋە DNA ئەۋرىشكىسى ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ چىرايى، بوي ئېگىزلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىسمانىي ئالاھىدىلىكلىرىنى قايتا ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەنىدى.
تەتقىقات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلمىي جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ تەتقىقات ئۈچۈن قان ئەۋرىشكىسىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەمىنلىگەن-تەمىنلىمىگەنلىكى، بولۇپمۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىگە قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقى گۇمان قوزغىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بېلگىيە لېۋېن كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى يىۋېس موراۋ ئىلگىرى خىتاينىڭ گېنغا مۇناسىۋەتلىك 529 تەتقىقات ماقالىسىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، 2011-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ يېرىمىنىڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى، ھەربىي ياكى ئەدلىيە ئورگانلىرىدىكى ئەمەلدارلار ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
ژۇرنال تەھرىراتىنىڭ باياناتىدا مەزكۇر ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئاپتورلىرى تەمىنلىگەن تەتقىقات دائىرىسىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى، تەھرىرلىك نىزاملىرى ۋە ۋە خەلقئارا ئەخلاقىي پىرىنسىپلارغا ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى بېكىتىشنىڭ قىيىنغا توختايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.