خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاتنىشىنى خىتايغا تۇتاشتۇرۇشنى تېزلەتمەكتە

خىتاي G575 لىنىيەسى باركۆل-قومۇل تاشيولى شەرقىي تەڭرىتاغ تونېلىنى تۇتاشتۇرۇش ئالدىدا بولۇپ، بۇ يول خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۇتىشىدىغان مۇھىم تۈگۈنگە ئايلىنىدىكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 9-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي G575 لىنىيەسى باركۆل-قومۇل تاشيولىنىڭ ئاچقۇچلۇق كونترول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولغان شەرقىي تەڭرىتاغ ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلىنىڭ ئوڭ تەشمىسىنى تۇتاشتۇرغان. تۈر بۆلۈمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تونېلنىڭ سول تەشمىسىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى تۇتاشتۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، G575 لىنىيەسى باركۆل-قومۇل تاشيولى تۈرى قومۇل شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، «يىپەك يولىدىكى چوڭ يول» ۋە ئاتالمىش «دۆلەت تاشيول تورى يىرىك پىلانى»نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى ئىكەن. بۇ لىنىيە شەرقىي تۈركىستاننىڭ «بەش توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، يەتتە ۋېرتىكال ئۆتۈشىدىغان» يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى تۆمۈرتام پورتى-قومۇل-چاقىلىق ئالىي دەرىجىلىك تاشيولىنىڭ مۇھىم يول بۆلىكى ئىكەن. بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 76.5 كىلومېتىر بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى بار 1-دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە ياساش پىلانلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تەڭرىتاغ ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلى ئوڭ-سول تەشمە ئارقىلىق شەرقىي تەڭرىتاغنى كېسىپ ئۆتىدىكەن. تونېلنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 11.775 كىلومېتىر بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشيول قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن تاشيول تونېلىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قۇرۇلۇش 2016-يىلى 8-ئايدا باشلانغان بولۇپ، بەش يىلدىن ئاشقان. بۇ شەرقىي تەڭرىتېغىدىكى ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلى G575 لىنىيەسىدىكى تېخى تاماملانمىغان ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، تونېل ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنە تونېل قوشۇمچە قۇرۇلۇشى باشلىنىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، يىل ئاخىرىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدىكەن. بۇ G575 لىنىيەسى G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، G7 بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، G312 شاڭخەي-قورغاس لىنىيەسىدىن ئىبارەت غول لىنىيەلىك ئۈچ تاشيولىنى تۇتاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىي رايونىدىكى جەنۇب-شىمال يۆنىلىشىدىكى مۇھىم قاتناش چوڭ تومۇرىغا ئايلىنىدىكەن. 

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۇتىشىدىغان يول قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ يەرلەشتۈرۈش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مول بايلىق زاپىسىنى خىتايغا توشۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىشنى تېزلەتمەكتە.

بۇ خەۋەر 2285 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2021 12:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق