نۇزۇگۇم جەمئىيتىدە ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلدى

نۇزۇگۇم جەمئىيتىدە ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلدى

7 ئاينىڭ 4 كۈنى  نۇزۇگۇم كۈلتۈر ئائىلە جەمىئىيتىدە ئوقۇغۇچى بالىلارغا چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەندى .

لىكسىيەنى مىنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم بالىلارنىڭ ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقى  ئوقۇش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان غەيرەتلىرى ھەققىدە سۆز باشلاپ بەردى. كەينىدىن   ئابدۇررەشىت مۇئەللىم ئانا تىل ھەققىدە چۈشەنچە بىرىپ ئانا تىلىمىزنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بالىلار داۋاملىق ئانا تىلىدىن ئايرىلماي ياشىشى كىرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. پىراففىسور  بورھان سىتى مۇئەللىم  ئۆزىنىڭ ئوقۇش ھاياتنى سۆزلەپ بالىلارنىڭ ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇردىغان يوللارنى ئۈگۈنۈشنىڭ ئۈنىمىنى  چۈشىنىشنڭ نىملىكى ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەپ بەردى . نۇزۇگۇم ئائىلە كۈلتۈر جەمىئىيتىنىڭ رەئىسى مىنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم  بورھان سىتى مۇئەللىم بىلەن ئابدۇررەشىت مۇئەللىمگە ئازراق كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى ھەدىيە قىلىش بىلەن ئاياقلاشتۇردى  

 

بۇ خەۋەر 1573 قېتىم كۆرۈلدى
05/07/2019 18:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق