ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى باشلاندى

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى بۈگۈن ئەتىگەن سائەت توققۇزدا ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە باشلاندى. 

ھەرقايسى دۆلەتلەردىن سوتقا قاتناشماقچى بولغان گۇۋاھچىلار 9-سېنتەبىر لوندونغا جەم بولغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدىكى بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش ۋە ئىسپات ئاڭلاش سوتىغا شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەت شاھىتلىرىدىن باشقا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئادۋوكاتلارمۇ قاتناشتى. 

يىغىندا ئالدى بىلەن باش سوتچى جېفىرى نايس ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نىڭ ئەھمىيىتى، ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر خەلقى ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنقى ئەسىردە يەھۇدىيلارغا ئىجرا قىلىنغان ئىرقىي يوقىتىش قىلمىشىغا ئوخشايدىغانلىقىنى، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نى تەشكىللەشنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

سوتتا تۇنجى بولۇپ ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئايال تور ئارقىلىق قاتنىشىپ، جازا لاگېرىغا قامىلىپ، ئارىدا بىر قېتىم قويۇپ بېرىلىپ، قايتا تۇتۇپ كېتىلگەن، جازا لاگېرىدا قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان يولدىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى ۋە سوت كوللېگىيەسىنىڭ يولدىشى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئىككىنچى قەدەمدە ياپونىيەدە ياشاۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ خىتايغا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن، قارا قولىنى چەت ئەللەرگىچە سۇنۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قازاقىستاندىنمۇ بىر قىسىم شاھىتلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ۋە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قوش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاشقا بەل باغلىغان.

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى بۈگۈندىن تارتىپ 13-سېنتەبىرگىچە تۆت كۈن داۋاملىشىدۇ.

بۇ خەۋەر 2143 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2021 15:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق