جورج سوروس دۇنيانى يەنە بىر قېتىم خىتايدىن ئاگاھلاندۇردى

مىللىيەت تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، داڭلىق مىلياردېر مەبلەغ سالغۇچى جورج سوروس «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»گە يازغان ماقالىسىدىن كېيىن «ۋال كوچىسى گېزىتى»دە ئېلان قىلغان يېڭى ئوبزورىدا دۇنيانى يەنە بىر قېتىم خىتايدىن ئاگاھلاندۇرغان.

مىلياردېر مەبلەغ سالغۇچى جورج سوروس دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتاينى يەنە تەنقىد قىلىپ، بىلەكروك شىركىتىنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغىنى خېرىدارلارنىڭ پۇلى ۋە ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن خەتەرلىك، دەپ تەسۋىرلىگەن. سوروس ئالدىنقى ماقالىسىدىمۇ ئامېرىكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئورگىنى بىلەكروكنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغىنى تەنقىد قىلغانىدى ۋە: «خىتايغا مىليارد دوللارلاپ مەبلەغ سېلىش ئېچىنىشلىق خاتالىق... بىلەكروكنىڭ خېرىدارلىرى ئېھتىمال زىيان تارتىشى مۇمكىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ باھا سوروسنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە بازارنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر قاتار چەكلىمىلەر ئىچىدە شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايغا ئالاقىدار  ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سوروس ئالدىنقى ئايدا «ۋال كوچىسى گېزىتى» ئۈچۈن يازغان يەنە بىر ئوبزورىدا شى جىنپىڭنى «دۇنيادىكى ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەتنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنى» دەپ تەسۋىرلىگەنىدى.

بىلۇمبېرگنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سوروس ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى باھاسىدا بىلەكروكنىڭ شى جىنپىڭنى خاتا مۆلچەرلەپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بولسا بارلىق خىتاي شىركەتلىرىنى «خىتاي كومپارتىيەسى دۆلىتىنىڭ قورالى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

دۇنيادىكى ئەڭ زور تەسىر كۈچكە ئىگە ئىككى پۇل-مۇئامىلە باشقۇرغۇچىسىنىڭ بۇ سېلىشتۇرمىسى پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرىنىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە دۇچ كېلىۋاتقان ئەندىشە مۇھىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن. شى جىنپىڭ چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىغا قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، شەخسىي تارماقلارغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكا بىلەن تور بىخەتەرلىكىدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگىچە بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەردە توقۇنۇش ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 1488 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2021 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق