خىتاي ئۇيغۇر سوتىغا قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى بۈگۈن لوندوندا رەسمىي باشلانغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا قارشى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

9-سېنتەبىر بېيجىڭدا 54-قېتىملىق ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نۇقتىلىق ھالدا لوندوندا تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان ئۇيغۇر سوتىنى ئەيىبلىگەن.

يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ سۆز قىلىپ: «مەزكۇر سوتنىڭ خەلقئارا قانۇن جەھەتتىن ھېچقانداق ئاساسى  ۋە ئۈنۈمى يوق، بۇنداق بىر سوتنى تەشكىللەش ھوقۇقىمۇ يوق» دەپ جار سالغان.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر سوتىغا قارا چاپلاپ: «مەزكۇر سوت خىتايغا قارشى مۇتەخەسسىس ۋە ئادۋوكاتلارنى، ئارتىسلارنى يىغىپ ئەكېلىپ، خىتايغا قارا سۈركەشنى مەقسەت قىلغان... بۇ ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ سىياسىي پېچكىسى» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 9-سېنتەبىردىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىساد مەنبەسىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىكەنلىكى، گۇۋاھلىق بەرگۈچى دولقۇن ئەيسانىڭ تېررورچى ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان، شۇنداقلا سوت كوللېگىيەسىنىڭ رەئىسى جېفىرى نايس ۋە تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز قاتارلىقلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ ھاقارەتلىگەن.

بۇ خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر سوتىغا تۇنجى قېتىم ھۇجۇم قىلىشى ئەمەس بولۇپ، بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇنمۇ خىتاي مەخسۇس ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، ئوخشاش تەرىقىدە ھۇجۇم قىلغان ۋە جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 1245 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2021 14:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق