تالىباننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىنى 11-سېنتەبىر ئۆتكۈزمەكچى بولۇشى دىققەت قوزغىدى

ئافغانىستاندا يېڭى تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى خەلقئارا جەمئىيەتتە غۇلغۇلا پەيدا قىلغان بىر پەيتتە، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىنى 11-سېنتەبىر ئۆتكۈزمەكچى بولۇشى قايتىدىن دىققەت قوزغىدى.

بىر قىسىم خەۋەر مەنبەلىرىدە ئېيتىلىشىچە، تالىبان يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىنى 11-سېنتەبىرگە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، خىتاي، رۇسىيە، قاتار، ئىران، پاكىستان ۋە تۈركىيە مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنغان. ھالبۇكى، بۇندىن دەل 20 يىل بۇرۇن بازا تەشكىلاتىنىڭ پىلانلىشى بىلەن ئامېرىكىدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋە بۇ ۋەقە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قوزغىشىنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇپ قالغانىدى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى مەقسىتىدە ئافغانىستاننىڭ چەت ئەلدىكى تەخمىنەن ئون مىليارد دوللارلىق مۈلكىنى توڭلىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئافغانىستاندا ئېغىر ئىقتىسادىي چېكىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، مىليونلىغان ئافغانىستان خەلقىنىڭ نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىقتا قېلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

ب د ت نىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى دېبورا لىيونسنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت ئافغانىستان خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمىسە، ئىقتىسادىي كىرىزىس ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپىنى بىر نەچچە ئەۋلاد پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما غەرب ئەللىرى ئافغانىستاننىڭ چەت ئەلدىكى مال-مۈلۈكلىرىنى تالىبانغا بېسىم ئىشلىتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە دەپ قارىغان. جۈملىدىن بايدېن ھۆكۈمىتى ئافغانىستاننىڭ نەچچە مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئالتۇنلىرى، مەبلىغى ۋە تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى توڭلىتىشنى ھازىرغىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىلانى يوق ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە ئافغانىستان ئىقتىسادى خىرىسقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئېغىر پۇل پاخاللىقى ۋە ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن تەنقىدچىلەر تالىبان رەھبەرلىكىنى ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشقا چاقىرغان. تالىبان مىنىستىرى بۇ ھەقتە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ رايون ۋە غەرب ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئالاقە قۇرۇشنى ۋە خەلقئارالىق ياردەم تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1276 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2021 12:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق