بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ يەتتە ئايدىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن قايتا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. 

ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن بايدېن بۈگۈن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، تەخمىنەن 90 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشقان. ئىككى تەرەپ سۆھبەتتە دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە رىقابىتىنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق دائىمىي ئالاقىنى ساقلاشقا قوشۇلغان.

نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇ بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئىككى تەرەپنىڭ ئىككىنچى قېتىم تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشى ئىكەن. ئارىلىقتا يەتتە ئاي ئۆتكەن بولۇپ، بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپ بىۋاسىتە ئالاقە قىلمىغان.

ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئوچۇق-يورۇق سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ مەقسىتىنىڭ كونكرېت كېلىشىم ياكى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى ئىلاۋە قىلغان.

بۇ خەۋەر 1098 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2021 11:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق