بالىلار لاگېرىدىكى كۆرۈنۈشلەر شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى يورۇتۇپ بەرمەكتە

يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان بالىلار لاگېرىدىكى يۈرەكلەرنى ئېزىدىغان كۆرۈنۈشلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنى مەلۇم دەرىجىدە يورۇتۇپ بەرمەكتە. 

مەزكۇر سىنلاردا خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن جازا لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىگە-چاقىسىز قالغان پەرزەنتلىرىنىڭ بالىلار لاگېرىدىكى كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن. خىتاي بۇ لاگېرلارغا «سۆيگۈ، پەرىشتىلەر باغچىسى» دېگەندەك چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ چىرايلىق ناملار ئارقىسىغا 21-ئەسىرىدىكى مەدەنىيەتلىك دۇنياغا يات بولغان قاباھەتلىك ۋەزىيەت يوشۇرۇنماقتا. 

مەزكۇر كۆرۈنۈشلەردىكى بالىلار لاگېرىغا قامالغان بالىلار بەش-ئالتە ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئاتا-ئانا مېھرىدە خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان بالىلارنىڭ يىغا-زارى يۈرەكنى ئېزىدۇ. 

مەزكۇر سىنلاردا ياتاق ۋە سىنىپلاردا بالىلارنىڭ ئېچىنىشلىق يىغلاۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىدىن سىرت، بالىلارنىڭ پۈتۈنلەي خىتايچە ئوقۇتۇلىدىغانلىقى، شۇنداقلا مەجبۇرىي ھالدا خىتاي كىملىكى سىڭدۈرۈلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇلاردىن سىرت بالىلارنىڭ قىز-ئوغۇل دېمەستىن بىر تۇتاش قىسقا چاچ قويۇشىمۇ ئالاھىدە دىققەت تارتىدىكەن.

بۇندىن ئىلگىرىكى ئېرىشىلگەن مەلۇماتلاردىمۇ لاگېردىكى بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى، خىتاي تىلى، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقى، بالىلار لاگېرىنىڭ خىتايلاشتۇرۇش، قىزىللاشتۇرۇش، مېڭە يۇيۇش خاراكتېرلىك شوئار ۋە تەشۋىقاتلار بىلەن تولغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

ئىلگىرى ب ب س مۇخبىرى جون سادۋورسمۇ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قالغان ۋە يوقاپ كەتكەن پەرزەنتلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا بارغان. بۇ جەرياندا خىتاي تەرىپىدىن «بالىلار يەسلىسى» دەپ ئاتالغان جايلارنىڭ ئەتراپى پۈتۈنلەي ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا بولغانلىقتىن، يېقىن بېرىپ سۈرەتكە ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. ئەمما يىراقتىن ئۇ يەرلەرنىڭ پۈتۈنلەي سىم توسۇقلار بىلەن قورشالغانلىقىنى، ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان كۆزىتىش كامېراسىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى بايقىغان. يەنە كېلىپ بۇ خىلدىكى «يەسلى»لەر جازا لاگېرلىرىنىڭ يېنىغا قۇرۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «بالىلار يەسلىلىرى»نىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈنلا بىر مىليارد 200 مىليون دوللار سەرپ قىلغان بولۇپ، يالغۇز قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 4-نومۇرلۇق «ياتاقلىق مەكتەپ»كىلا 2020-يىلى 4-ئايدا 2000 دىن ئارتۇق ئۆسمۈر ئېلىپ كېلىنگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى بىلەن بىرگە، ئاتالمىش «يەسلى»لەرنىڭمۇ زور كۆلەمدە كېڭىيىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان.

بۇ خەۋەر 1435 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2021 11:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق