خىتاي ئەركىن سودا رايونىنىڭ تېزرەك ئەمەلگە ئېشىشىغا ئالدىرىماقتا

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 9-سېنتەبىر قىلغان سۆزىدە «رايونلار ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نى تېزرەك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدە ئۇنىڭ مېكوڭ رايونلۇق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ يەتتىنچى قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا پات ئارىدا پۈتىدىغان خىتاي-تايلاند تۆمۈر يولى، فىنوم پېن-سىخانوكۋىل يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق چوڭ تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، رايونلۇق كۈچنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

لى كېچياڭ يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شىركەتلەرنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، بارلىق دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى شىركەتلەرگە ئوخشاش كۆزدە قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش كېلىشىمى بولغان «رايونلار ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» (RCEP) ئۆتكەن يىلى ئىمزالانغان بولۇپ، خىتاي كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تېزلىكتە تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە باشلىغان. خىتاي مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى ۋاڭ شۆۋېن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بىلدۈرگەن سۆزىدە ئالاقىدار شەرتلەرنى باھالاۋاتقانلىقى ۋە بىر قىسىم ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرەسمىي ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رايونلار ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى خىتاي، ياپونىيە، كورىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق 15 دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تۈزۈلگەن ئالاھىدە ئەركىن سودا كېلىشىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەزا دۆلەتلەر 2019-يىلى 11-ئايدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇلتۇر 11-ئايدا رەسمىي ئىمزا قويغان. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ھەمكارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىدىن ئېشىپ چۈشۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە ئايلانغان.

بۇ خەۋەر 992 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2021 10:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق