خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق كارخانىلارنى كۈچەپ يۆلىمەكتە

ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورىنىڭ 6-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى «مەجبۇرىي ئەمگەك بازىسى» دەپ بېكىتكەن ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى باغچىسىنى «2021-يىللىق شىنجاڭ رەقەملىك ئىقتىساد ئۈلگىلىك باغچىسى» دەپ باھالىغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «2021-يىللىق شىنجاڭ رەقەملىك ئىقتىساد ئۈلگىلىك باغچىسى» تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلار ئىچىدە، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى باغچىسىدىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق «قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسپىي باغچىسى»، «شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسى»، «غۇلجا چېگرا ئىقتىساد ھەمكارلىق رايونى» قاتارلىق بەش ئورۇن بار ئىكەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى باغچىسىدا 20 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئېنىقلاپ، ئۇنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسلىق مەجبۇرىي ئەمگەك بازىلىرىنىڭ بىر ئىكەنلىكى بېكىتىپ چىققانىدى. نەتىجىدە ئامېرىكا مەزكۇر توقۇمىچىلىق سانائەت بازىسى قاتارىدا بىر قانچە زاۋۇتنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى. 

كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن بىر پەيتتە، خىتاينىڭ زامانىۋى قۇللۇق ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك شىركەت-كارخانىلارنى، نەچچە يىللاردىن بېرى كۆپلەپ مەنپەئەت يەتكۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى توختاتماستىن، ئەكسىچە ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 2357 قېتىم كۆرۈلدى
09/09/2021 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق