خىتاي ئافغانىستاننى زور سوممىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاينىڭ ئافغانىستاننى 200 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى يېمەكلىك، قىشلىق بۇيۇم، ۋاكسىنا ۋە دورا بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئورگان تور بېتى ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتناشقان تور يىغىنىدا ۋاڭ يىنىڭ سۆزلىرىنى ئېلان قىلغان. ۋاڭ يى سۆزىدە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش تەشەببۇسچىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا غەرب ئەللىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا مەجبۇرىيىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئافغانىستاندىن تېز سۈرئەتتە چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئافغانىستاننىڭ يەنىلا ئىنسانپەرۋەرلىك، خەلق تۇرمۇشى ۋە ۋىرۇس يۇقۇمى قاتارلىق ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، تالىبانلار ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئېلان قىلغانلىقىنى، ھاكىمىيەتنىڭ ۋاقىتلىق بولۇش خاراكتېرى ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسىدە يەنىلا نۇرغۇن ئېنىقسىزلىقلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ يى سۆزىدە يەنە: «ئافغانىستان ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ خەلقئارا ۋە رايونلۇق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىگە مۇرەككەپ تەسىرلەرنى قىلىدۇ، ئافغانىستاندىكى بىر قىسىم خەلقئارالىق تېررورچىلار قوشنا دۆلەتلەرگە سىڭىپ كىرىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. شۇڭا ھەر قايسى تەرەپلەر چېگرانى كونترول قىلىپ ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېزدىن يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى تۇتۇپ يوقىتىپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى، تالىبانلارنى بارلىق تېررورلۇق كۈچلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈل-كېسىل ئۈزۈشكە ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشقا دەۋەت قىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قىستۇرۇپ قويغان.

بۇ خەۋەر 2202 قېتىم كۆرۈلدى
09/09/2021 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق