خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى بېيجىڭ ئولىمپىكىنى تارقاتماسلىققا چاقىرىلدى

ئامېرىكا تاراتقۇ ئورگىنى «تۆپىلىك» (The Hill) تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر قىسىم ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى NBC قانىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق قاناللارنى 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تارقىتىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان.

ئۇلار NBC قانىلىنىڭ باش ئەمەلدارى قاتارلىقلارغا يازغان بىرلەشمە خېتىدە، مەزكۇر تاراتقۇلارنىڭ خىتايدا بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولۇش خەۋپى بارلىقىنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى تارقىتىشنىڭ خىتايدىكى باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قانۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن، شۇنداقلا: «قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىق بولۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلەشكەن.

NBC ھازىرچە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىغان. مەلۇم بولۇشىچە،NBC  قانىلى 2014-يىلى يەتتە مىليارد 750 مىليون دوللار سەرپ قىلىپ، 2032-يىلىغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بارلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنىڭ تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالغان.

بىر قىسىم ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، تىبەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، تاراتقۇلارنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىگە ياردەملىشىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى تىكلىمەكچى بولۇشى ئەقىلگە سىغمايدۇ» دېيىشكەن.

بۇ خەۋەر 2194 قېتىم كۆرۈلدى
09/09/2021 12:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق