كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئىشلىتىلىۋاتقان گېن تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ خىتاي ئارمىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئاشكارىلاندى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ خۇادا گېن تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ (BGI) خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلىقى بارلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خۇادا گېن تېخنولوگىيە شىركىتى ئىشلەپچىقارغان سىناق ئۈسكۈنىسى مەخسۇس ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى يىغىشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، خۇادا شىركىتىنىڭ بۇ ئۈسكۈنىنى خىتاي ھەربىي قىسىمنىڭ تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققانلىقى ئاشكارىلانغان.

بۇ مەسىلە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان. ئۇلار بىر دۆلەتتىكى گېن ئۇچۇرلىرىنىڭ يەنە بىر دۆلەتكە يۆتكەلگەندىكى بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

نۆۋەتتە گېرمانىيە، كانادا،ئاۋسترالىيە، سىلوۋېنىيە ۋە ئېستونىيە قاتارلىق بەش دۆلەت مەزكۇر سىناق ئۈسكۈنىسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. كانادا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى ئاياللارغا باشقا ئىشەنچلىك جايلاردا گېن تەكشۈرتۈشنى تەۋسىيە قىلغان.

خۇادا شىركىتىنىڭ مەزكۇر سىناق ئۈسكۈنىسى كەم دېگەندەك 52 دۆلەتكە سېتىلغان بولۇپ، 80 نەچچە خىل ئىرسىي كېسەللىكنى تەكشۈرۈشكە قوللىنىلىدىكەن. نۆۋەتتە سەككىز يېرىم مىليونغا يېقىن ئايال بۇ سىناق ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى بۇ يىل 3-ئايدىلا خۇادا شىركىتىنىڭ غايەت زور گېن مەلۇمات ئامبىرىنى توپلىغانلىقى ۋە سۈنئىي ئىدراك ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدە ئامېرىكىغا سەل قارىغىلى بولمايدىغان زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنىدى.

بۇ خەۋەر 2509 قېتىم كۆرۈلدى
09/09/2021 11:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق