خىتاي تالىباننىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 8-سېنتەبىردىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ يېڭى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىرلار خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، يېڭى تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى سورىغان بولۇپ، ۋاڭ ۋېنبىن يۇقىرىقى جاۋابنى بەرگەن. ۋاڭ ۋېنبىن سۆزىدە يەنە خىتاي تەرەپنىڭ تالىباننىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋە بىر قىسىم مۇھىم رەھبەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن قىلغان ئورۇنلاشتۇرۇشىغا، دۆلەت ئىچىدىكى تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ ئىزچىل ئېنىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىمىز، ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز، ئافغانىستان خەلقىگە ماس كېلىدىغان مۇستەقىل تەرەققىيات يولىنى تاللىشىنى قوللايمىز» دېگەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا تالىبانلارنىڭ 15-ئاۋغۇست ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاي قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتنىڭ تالىبانلار بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

بۇ خەۋەر 2260 قېتىم كۆرۈلدى
09/09/2021 10:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق