بايدېن: خىتاي چوقۇم تالىبان بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن: «پاكىستان، ئىران، خىتاي ۋە رۇسىيە تالىبان بىلەن بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ» دېگەن.

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن تالىبانلار ئافغانىستاننى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، خىتاي، پاكىستان، ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىدە كېيىنكى قەدەملىك پىلان تۈزۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان. بايدېن مۇخبىرنىڭ «خىتاينىڭ تالىباننى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتامسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «خىتاينىڭ تالىبانلار بىلەن ھەقىقەتەن زور مەسىلىسى بار. شۇڭا ئۇلار تالىبانلار بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. رۇسىيە بىلەن ئىرانمۇ شۇنداق. شۇڭا مەن خىتاي تالىبان بىلەن چوقۇم كېلىشىم تۈزدى، دەپ قارايمەن. پاكىستان، رۇسىيە ۋە ئىرانمۇ خىتايغا ئوخشاش نۆۋەتتە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلىشىۋاتىدۇ» دېگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى تالىباننىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئېلان قىلغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، تالىبانلارنىڭ سۆزىگە ئەمەس، بەلكى ھەرىكىتىگە قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھى تالىباننىڭ سابىق ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ زاپاس بايلىقىغا ئېرىشىشىنى چەكلەش ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر خىتاي بىلەن رۇسىيە تالىباننى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ قالسا، يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تالىبانلارغا قاراتقان ئىقتىسادىي چەكلىمىسى تەسىرىنى يوقىتىدىكەن.

تالىبان باياناتچىسى زەبىيھۇللاھ مۇجاھىد يېقىندا ئافغانىستان تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭمۇ ئافغانىستانغا زور دەرىجىدە مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئىتالىيە مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «خىتاي ئافغانىستاننىڭ قوشنىسى ۋە ئەڭ مۇھىم ھەمراھى. ئافغانىستان ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق» دېگەنىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى يېڭى ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى يېڭى ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 3037 قېتىم كۆرۈلدى
08/09/2021 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق