خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى بولدى

گۇاڭدۇڭ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 7-سېنتەبىر چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، سىچۈەننىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان چاڭجياڭ دەرياسىدا بۇ يىللىق 1-نومۇرلۇق كەلكۈن شەكىللەنگەن، جيالىجياڭ دەرياسىدا بۇ يىللىق 2-نومۇرلۇق كەلكۈن شەكىللەنگەن. چۇڭچىڭدىكى ئاساسلىق دەريا ئېقىنلىرى ئەڭ چوڭ كەلكۈن ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 7-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن چاڭجياڭ دەرياسى ئەڭ يۇقىرى سۇ ئورنى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن ئېشىپ كەتكەن. كەلكۈن سۇلىرى شەھەرنى بېسىپ كەتكەن بولۇپ، ئاپەت رايوندىكى خەلق جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلغان. نۆۋەتتە 3-دەرىجىلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىلغان بولۇپ، ئۆلۈش، يارىلىش ۋە يوقاپ كېتىش ئەھۋالى ھەققىدە ھازىرچە خەۋەر بېرىلمىگەن.

بۇ خەۋەر 2009 قېتىم كۆرۈلدى
08/09/2021 12:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق