تالىبان يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبانلار ئامېرىكا ۋە چەت ئەل ھەربىي قىسىملىرى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، 7-سېنتەبىر تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

تالىبان باياناتچىسى زەبىيھۇللاھ مۇجاھىدنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبان ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى موللا ئۆمەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولغان موللا مۇھەممەد ھەسەن ئاخۇند ئافغانىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەققەت باش مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئافغانىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەپ چىقىدىكەن. ئۇنىڭ ئىككى ياردەمچىسى بار بولۇپ، ئۇلار تالىبان سىياسىي ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى موللا ئابدۇل غەنى بىرادەر بىلەن مەۋلەۋىي ئابدۇسالام ھەنەفىي ئىكەن. موللا ئابدۇغېنى بىرادەر تالىبان ئىچىدىكى ھەر قايسى تارماق گۇرۇپپىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، قاتارنىڭ پايتەختى دوھادىكى خىزمىتى جەريانىدا، چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى نىشان قىلىنغان سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان.

زەبىيھۇللاھ مۇجاھىد كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى قىلىپ بېكىتكەن «ھەققانىي تورى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئوغلى سىراجىددىن ھەققانىينىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولىدىغانلىقىنى ئىلاۋە قىلغان ھەمدە 33 شەخسنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى تەركىبىدە ئورۇن ئالدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 

يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتى باش مىنىستىر موللا ھەسەن ئاخۇند، بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىر موللا ئابدۇلغەنى بىرادەر، ئىككىنچى مۇئاۋىن مىنىستىر مەۋلەۋىي ئابدۇسالام ھەنەفىي، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى موللا ياقۇپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سىراجىددىن ھەققانىي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلەۋىي ئامىر خان مۇتتەقىي ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئابدۇلھەق ئەل ۋاسىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ خەۋەر 2089 قېتىم كۆرۈلدى
08/09/2021 12:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق