ژۇرنالىستلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇھىم تەكلىپلىرى

 
3-مارت ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىدا «ژۇرنالىستلارنىڭ نەزىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇھاكىمە يىغىنىنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىنغا كۈچۈكچەكمەجە رايونى رەئىسى تەمەل قاردا دېنىز ئەپەندى ئىشتىراك قىلدى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان زۇرنالىست ۋە مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىندى. يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك قېرىنداشلاردىن بولۇپ 500 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. 

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان ئېىشىچىلىش سۆزى قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئەھمىيىتى،  شەرقىي تۈركىستان مەسلىسىدە نىمىلەرنى تونۇشتۇرۇشقا دېققەت قىلىش ،  شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى پەلەستىن مەسىلىسىگە ئوخشاش خەلقئارالاشتۇرۇزش ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىش كېرەك قاتارلىق مۇھىم مەسلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرى «ژۇرنالىستلارنىڭ نەزىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا، سۇلايمان شاھىن ئەپەندى «قىرغىن قىلىنىۋاتقان مۇسۇلمان تۈركلىرى مەسىلىسىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋەزىپىسى» تېمىسدا، مەرۋە شەبنەم ئۇرۇچ خانىم «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ ۋەزىپىسى» تېمىسدا، گۈنگۆر ياۋۇز ئارسلان ئەپەندى «خىتاينىڭ لاگېرلارنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۆز بويامچىلىقىغا قانداق قارشى تۇرۇش كېرەك» تېمىسدا، تاييار تارجان ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى پەلەستىن دەۋاسىدەك خەلقئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش يوللىرى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
مۇھاكىمە يىغىندا زۇرنالىستلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان، كەلگۈسىدە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان خىرىسلارنى مۇھاكىمە قىلدى. شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە قانداق تەييارلىقلارنى قىلىش، نېمىلەرگە دىققەت قىلىش، قانداق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق تۇتۇش، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مەسىلىسىنىڭ ئاددىي بىر مەسىلە ئەمەسلىكى، يەتتە ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇھىم تەكلىپلەرنى بەردى.
يىغىلىشتا يەنە پەرزەنتلىرىمىز ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. ئاخىردا ژۇرنالىستلارغا خاتىرە بۇيۇم ھەدىيە قىلىندى. 
تەپسىلاتىنى شەرقىي تۈركسىتان ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ئاگېنتلىقى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى يۇتۇب سەھىپىسىدىن كۆرۈۋالغايسلەر!

بۇ خەۋەر 13434 قېتىم كۆرۈلدى
04/03/2019 18:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق