خىتاي ئاقسۇدا ئاتالمىش «ئاياللار ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى مەركىزى» تەسىس قىلدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاقسۇ شەھىرىدە ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىغا قىزىللاشتۇرۇش تەربىيەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان ئاتالمىش «ئاياللار ۋەتەنپەرۋەرلىك مەركىزى» تەسىس قىلىنغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاقسۇ شەھىرى ئىگەچى يېزىسىدا ئاتالمىش «ئاياللار ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى مەركىزى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مەركەز شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى بولۇپ ئېچىلغان ئاتالمىش «ئاياللار ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى» ئىكەن.

يىغىنغا ئاقسۇ شەھەرلىك پارتىيە دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قورچاق ئەمەلدار ئابدۇراھمان قاتارلىقلار قاتناشقان. يىغىندا خاڭجۇ ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن ئاقسۇ ئاياللار بىرلەشمىسى خىتاي ئائىلىسى بىلەن ئۇيغۇر ئائىلىسىنى جۈپلەش ئارقىلىق ئائىلە مۇھىتىنى تونۇشتۇرۇش، خىتاي ئاياللىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئاتالمىش «ئاچا-سىڭىل ياردەمچىلەر» نامىدا ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىشقا تەرغىب قىلغان.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىش مەقسىتىدە، رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن نوپۇس چەكلەش، ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، سىرتتا قالغان خەلققە، بولۇپمۇ قىز-ئاياللارغا قارىتا خىتايلاشتۇرۇش، قىزىللاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە تەشۋىقاتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 2090 قېتىم كۆرۈلدى
08/09/2021 10:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق