ياپونىيەنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك باش ۋەزىرىنىڭ خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىخىدې سۇگا ئالدىنقى جۈمە ئۆزىنىڭ 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ياپونىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرىنىڭ خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەنمەكتە.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن يوشىخىدې سۇگا ۋىرۇسقا قارشى تەدبىرلىرى ۋە سىياسەتلىرى ئۈنۈملۈك بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، خەلقنىڭ ۋە شىركەتلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان، ئاۋامنىڭ قوللاش نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن. ئۇنىڭ جۈمە كۈنىدىكى باياناتى پارتىيەدىكى باشقا نامزاتلارنىڭ پارتىيە ئىچىدە سايلام رىقابىتىنى ئاسانلاشتۇرغان.

ئىككى سابىق تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ۋە تارو كونو نۆۋەتتە لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ نۇقتىلىق رەئىس نامزاتلىرى بولۇپ، ھەر ئىككىسى دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى كۈچلۈك پوزىتسىيەنى تەشەببۇس قىلىدىكەن.

فۇمىئو كىشىدا ئالدىنقى جۈمە مۇخبىرلارغا ئەگەر ئۆزى سايلىنىپ قالسا، تەيۋەن بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قاتارلىق قىممەت قاراشلارنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى، خوڭكوڭنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرغانلىقىنى، تەيۋەن خىتاينىڭ كېيىنكى نىشانى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئەگەر تەيۋەن بوغۇزىدا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، ياپونىيەنىڭ زور تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، شۇڭا ياپونىيە چەت ئەلنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۆپەيتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

يەنە بىر سابىق تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى تارو كونو نۆۋەتتە مەمۇرىي ئىسلاھات ۋەزىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇمۇ ئىزچىل خىتايغا قارشى سىياسىتىدە قاتتىق قول يولنى تۇتقان. ئۇ بۇلتۇر ئاۋغۇستتا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەگەر خىتاي پاراخوتلىرى سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى ھەرىكىتىنى داۋاملىق كۈچەيتسە، ياپونىيە قوغدىنىش قىسىمى زۆرۈر تېپىلغاندا جىددىي تەدبىر قوللىنىدۇ» دېگەن. 

تارو كونو بىر ئايدىن كېيىن يەنە ۋاشىنگتون ئەقىل ئامبىرى CSIS تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ھەر بىر سانتىمېتىر زېمىنىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، بۇ ئاراللارنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ سايلىمى 29-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر پارتىيەنىڭ باشلىقىنىڭ يېڭى باش ۋەزىر بولۇشى ئاساسىي جەھەتتىن ئېنىق ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1620 قېتىم كۆرۈلدى
08/09/2021 09:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق