يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىپ ۋە دەلىل-ئىسپات توپلاپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىلىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى جىن بۇنىن (Gene Bunin) ئەپەندىنىڭ قازاقىستانغا كىرىشى چەكلەنگەن.
جىن بۇنىن ئەپەندىنىڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 5-سېنتەبىر قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە بارغاندا، چېگرا خادىملىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان. ئۇ شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ بەش يىلىغىچە قازاقىستانغا كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. گەرچە چېگرا خادىملىرى ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن چېگرادىن كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىن ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاقىدار خىزمەتلىرى سەۋەبلىك بۇ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭ بىلەن قازاقىستان ئۆزبېكىستاندىن كېيىن بۇنىن ئەپەندىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلىگەن ئىككىنچى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى بولۇپ قالغان.
بۇنىن ئەپەندى بۇندىن بۇرۇن قازاقىستاندا ئىككى يىل تۇرغان بولۇپ، 2020-يىلى ئايرىلغان. ئۇ قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى چەكلەپ، ئالاقىدار شەخسلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىپ ياكى تۇتقۇن قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، مىنىستىرلىك بۇ ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.
جىن بۇنىن ئەپەندى ئون يىلغا يېقىن ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، 2018-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، جازا لاگېرىغا قاماش جىنايەتلىرى ھەققىدە دەلىل-ئىسپات توپلاپ كەلگەن. ئۇ يەنە «شاھىت بىز» تورىنى قۇرۇشقا قاتناشقان بولۇپ، ھازىرغىچە مەزكۇر تور بېكەتتە شەرقىي تۈركىستاندا تۇتقۇن قىلىنغان، جازا لاگېرىغا قامالغان ياكى ئىز-دېرىكى بولغان 25 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئارخىپى توپلانغان.
قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى تۈپەيلى، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە سۈكۈت قىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قازاقىستانغا قېچىپ چىققان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شاھىتلار قازاقىستاندا پاناھلىققا ئېرىشەلمىگەنلىكى، ئەكسىچە تەھدىت ۋە پاراكەنچىلىككە دۇچ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولماقتا.