كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى: گېرمانىيە شىركەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپكە ئېرىشتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى (ECCHR) شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ قارالغان بىر قىسىم گېرمانىيە شىركەتلىرى ئۈستىدىن ئەيىبنامە سۇنغان.

باش ئىشتابى گېرمانىيەنىڭ بېرلىنغا جايلاشقان ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى (ECCHR) 6-سېنتەبىر كارلسىرۇخ فېدېراتىپ سوت مەھكىمىسىدە تەپتىش ئەمەلدارىغا 96 بەتلىك ئەيىبنامە سۇنۇپ، لىدل(Lidl)ۋە ھىيۇگو بوس(Hugo Boss)قاتارلىق بىر قانچە داڭلىق مودا كىيىم پارچە سېتىش شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختا سانائىتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك پايدا ئالدى، دەپ ئەيىبلىگەن. 

ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تۈرى مەسئۇلى مىرىيام ساگې ماس(Miriam Saage-Maass)بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش ۋاسىتىسىدىن پايدا ئېلىش قىلمىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن.

لىدل شىركىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «شىركىتىمىزگە قارىتىلغان ئەيىبلەش تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ كونا تىزىملىكىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۆتكەن ياكى شۇ دەۋردىكى مال زاكاز قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تەمىنلەش زەنجىرىدىكى توختام شىركەتلىرى ئىجتىمائىي ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.

ھىيۇگو بوس شىركىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ: «بىز ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ياكى زامانىۋى قۇللۇققا يول قويمايمىز. شىركەت تەمىنلىگۈچىلەردىن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە خىزمەت شارائىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، فىرانسىيە تەپتىش مەھكىمىسى بۇ يىل 7-ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق، دەپ قارالغان فىرانسىيەنىڭ تۆت مودا كىيىم-كېچەك شىركىتىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ يىل 1-ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 1729 قېتىم كۆرۈلدى
07/09/2021 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق