تالىبان: ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئەنئەنىسىگە رىئايە قىلىش ئاساسىدا ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىمىز

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبان ئاخبارات ۋە مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەھمەدۇللاھ ۋەسىيق «بىز ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئەنئەنىسىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىمىز»دېگەن. 

خەلقئارا جەمئىيەت تالىباننىڭ ئافغانىستاندا قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، تالىبان ئاخبارات ۋە مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەھمەدۇللا ۋەسىيق ئەلجەزىرەنىڭ تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، تاراتقۇلارنىڭ تالىبان رەھبەرلىرىنى تەنقىدلەش ھوقۇقى بارلىقىنى، ئەمما بۇ مەسىلە ھاقارەتكە ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاياللارنى كەمسىتمەسلىك شەرتى ئاستىدا بارلىق ئافغانىستان خەلقى مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدىكەن، مەكتەپلەردە جىنس ئايرىمىچىلىقنى ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا تىرىشىدىكەن.

ئەھمەدۇللاھ ۋەسىيق پەنجشىر ۋىلايىتىنى تالىبانلارنىڭ كونترول قىلغانلىقى مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىپ، تالىباننىڭ ئۆز ۋاقتىدا بۇ رايوننى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما مەسىلىنى ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالىمىغانلىقىنى، شىمالىي ئىتتىپاققا ھۆكۈمەتكە قاتنىشىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئەمما ئۇلار تەكلىپكە قوشۇلمىغانلىقىنى، شۇڭا قورال كۈچى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقان. 

ئۇ يەنە تالىبانلار ئافغانىستاننى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلغاندىن كېيىنمۇ پەنجشىر خەلقىگە قارىتا ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋەدە بەرگەن ۋە تالىبان پايتەخت كابۇلنى كونترول قىلغاندىن باشلاپ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۇچرىشىش ۋە دىيالوگ قىلىش ئارقىلىق، تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلۇق ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئافغانىستان خەلقىگە ياردەم قىلىپ، خەلقئارادىكى دۆلەتلەرنى ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت تەشكىلىي سىستېمىسى ۋە پارلامېنتنىڭ قۇرۇلمىسىنى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تالىبان باياناتچىسى زەبىيھۇللاھ مۇجاھىد دۈشەنبە ئەتىگەندە، تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى پەنجشىر ئۆلكىسىنى كونترول قىلغانلىقىنى، ئافغانىستاندا ئۇرۇش ئاخىرلاشقانلىقىنى، قورال كۆتۈرگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئافغانىستان خەلقى ۋە دۆلەتنىڭ دۈشمىنى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئىسيان  قىلماقچى بولغانلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىسيان قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

بۇ خەۋەر 1727 قېتىم كۆرۈلدى
07/09/2021 12:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق