بىرازىلىيە ئون نەچچە مىليون خىتاي ۋاكسىنىسىنى توختىتىپ قويدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 5-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرازىلىيە رۇخسەتسىز زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاي كېشىڭ بىيوتېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ چىققان 12 مىليوندىن ئارتۇق سىنوۋاك ۋاكسىنىسىنى  توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىرازىلىيە فېدېراتىپ سەھىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى 5-سېنتەبىر بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا ئېيتىلىشىچە، سان پاۋلودىكى بۇتانتان ئىنستىتۇتى(Butantan Institute)رۇخسەتسىز زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان 25 تۈركۈم سىنوۋاك ۋاكسىنىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 12 مىليون 100 مىڭ ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرازىلىيەگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بۇتانتان ئىنستىتۇتى يەنە تەستىقسىز زاۋۇتلاردا 17 تۈركۈم ئىشلەپچىقىرىلغان 9 مىليون ۋاكسىنىسىنىڭ بىرازىلىيەگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، تىلغا ئېلىنغان زاۋۇتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلمىگەنىكەن. بۇتانتان ئىنستىتۇتى بولسا كېشىڭ شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىرازىلىيەدە سىنوۋاك ۋاكسىنىسىنى ئوراپ قاچىلىغان بىيومېدىتسىنا مەركىزى ئىكەن.

بىرازىلىيە فېدېراتسىيە سەھىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ چەكلەش ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بولۇپ، ئاممىنى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان خەتەردىن ساقلايدىكەن. 90 كۈنلۈك چەكلەش جەريانىدا ئۇلار مەزكۇر زاۋۇتلارنى تەكشۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىدىكەن.

بىرازىلىيە بۇ يىلنىڭ بېشىدا ۋاكسىنا ئەملەشكە باشلىغان بولۇپ، ئىشلىتىلگەن ۋاكسىنىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى سىنوۋاك ۋاكسىنىسى ئىكەن.

بۇ خەۋەر 941 قېتىم كۆرۈلدى
07/09/2021 10:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق