خىتاي 19 ئايروپىلان بىلەن تەيۋەن ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلدى

ۋەتەن تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى تەيۋەنگە قارشى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ پاراكەندىچىلىك ھەرىكىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بەزى ئانالىزچىلار خىتاي تەيۋەننى ئىشغال قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىغان. 19 كۈرەشچى ئايروپىلان بىلەن قىلىنغان بۇ قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ساراسىمىگە سالغان بولۇپ، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدىن جىددىي بايانات ئېلان قىلىنغان.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئېيتىشىچە، كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە بومباردىمانچى ئايروپىلان قاتارلىق 19 ئايروپىلان ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرگەن.

تەيبېي بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بۇ ئارالغا يېقىن جايدا قايتا-قايتا پائالىيەتتە بولۇشىنى ئەيىبلەپ كەلگەنىدى. تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى ئايروپىلانلىرى يادرو قوراللىرىنى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان تۆت H-6 بومباردىمانچى ئايروپىلان، شۇنداقلا سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ئايروپىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مىنىستىرلىك يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ خىتاي ئايروپىلانلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىنى قوشۇپ قويغان.

خىتاي تەرەپ بولسا تېخى رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغان. خىتاي بۇ يىل 6-ئايدىمۇ 18 ئايروپىلان بىلەن تەيۋەن تېررىتورىيەسىگە كىرگەن ۋە بۇ تەيۋەن خەۋەر قىلغان ئەڭ چوڭ پاراكەندىچىلىك، دەپ قارالغانىدى.

ئالدىنقى ھەپتە تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تەيۋەننىڭ مۇداپىئەسىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىنلىكىدىن ۋە خىتاي تەھدىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغانىدى.

بۇ خەۋەر 993 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2021 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق