تالىبان باياناتچىسى تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئالغا دۇچ كەلدى

تالىبان باياناتچىسى سۇھەيل شاھىن ئالدىنقى ھەپتە ياپونىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئالغا دۇچ كەلگەن.

تالىبان باياناتچىسى سۇھەيل شاھىن 1-سېنتەبىر ياپونىيە TBS تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ مۇخبىرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى سوئالىغا: «خىتاي بىزنىڭ زور ئىقتىسادىي پۇرسەتكە ئىگە قوشنىمىز. بىز خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايمىز، بۇ ياخشى مۇناسىۋەت خىتايغىمۇ، بىزگىمۇ پايدىلىق. شۇنداقلا يەنە ياپونىيە ۋە باشقا بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.

مۇخبىر سوئاللارنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، تالىباننىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن دىنىي قېرىنداش بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغان. سۇھەيل شاھىن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «بىزنىڭ سىياسىتىمىز ئېنىق، بىز ئافغانىستان زېمىندا ھېچكىمنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قارشى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى خالىمايمىز» دېگەن.

ئۇ جاۋابىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، خىتايدىكى بارلىق پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشى كېرەكلىكىنى، باراۋەر ھايات ۋە باراۋەر ھوقۇققا ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى ئىلاۋە قىلغان.

ئۇ سۆزىدە يەنە: «بىز خىتاينى زىيارەت قىلغىنىمىزدا بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى، پۇقرالارنىڭ باراۋەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

بۇ خەۋەر 926 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2021 12:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق