گۇگېل تالىبانلارنىڭ سابىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشىنى چەكلىدى

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 4-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇگېل شىركىتى تالىبانلارنىڭ سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە سابىق ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلخەت ھېساباتىنى تاقىۋەتكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، گۇگېل سابىق ئافغانىستان ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خەلقئارالىق شېرىكلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن سانلىق مەلۇماتقا بولغان ئەندىشىسى سەۋەبلىك، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلخەت ھېساباتىنى تاقىۋەتكەن.

گۇگېل شىركىتى جۈمە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئافغانىستان ھۆكۈمەت ھېساباتىنىڭ تاقالغانلىقىنى دەلىلىگەن ھەمدە شىركەتنىڭ ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقانلىقى ۋە ۋاقتىنچە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئافغانىستان سابىق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر خىزمەتچىسى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا تالىبانلارنىڭ سابىق ئەمەلدارلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق خەت-چەكلىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا مەزكۇر خادىم يەنە تالىباننىڭ ئۇنىڭدىن ئۆزى ئىشلەۋاتقان مىنىستىرلىكىنىڭ مۇلازىمەت سۇپىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاپ قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۇ بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلمىغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، فېيسبۇك شىركىتى ئىلگىرى: «تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارىدا بولغانلىقى سەۋەبلىك سۇپىدا تالىبانغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىنى داۋاملىق چەكلەيدۇ» دېگەن ھەمدە ئافغانىستان مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، تالىبانلارغا مۇناسىۋەتلىك سەھىپە ۋە مەزمۇنلارنى نازارەت قىلىش، ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە  سالغانلىقىنى دەلىللىگەن.

ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فېيسبۇك شىركىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى يەنە تالىباننىڭ ئافغانىستاننى كونترول قىلغاندىن كېيىن پۇقرالارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن قۇرغان ۋاتسئەپ ھېسابلىرىنى ئۆچۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تىڭ توك شىركىتىمۇ ئۆز سۇپىسىدا تالىبانغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شىركەت ئەمەلدارى يەنە تالىباننى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىنى، شۇڭا تالىباننى ماختىغان ياكى قوللىغان مەزمۇنلارنى داۋاملىق ئۆچۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر 733 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2021 10:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق