ئۇيغۇر ياشلىرى ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى

ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىدىكى ئوسمان سولاقئوغلى يېپىق تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدە ئاتامان تەنتەربىيە كۇلۇبىدا مەشىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

3-سېنتەبىر ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبىدىن يېنىك دەرىجىلىكلەر بويىچە مۇسابىقىگە چۈشكەن ئابدۇللاھ ئابدۇسالام ئارېنا تەنتەربىيە كۇلۇبى ماھىرى بوزقۇرت بىلەن تۇتۇشتى. ئابدۇللاھ ئابدۇسالام مۇسابىقە داۋامىدا ماھارەتلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەقىبىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلدى. رەقىبىنىڭ بويى ئۇنىڭدىن ئېگىز بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھۇجۇمىنىڭ تېزلىكى ھەمدە كۈچلۈكلۈكى بىلەن رەقىبىنى ھۇجۇم قىلىشقا پۇرسەت بەرمەي ئۇرۇپ يىقىتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئارقىدىن ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبىنىڭ يەنە بىر ماھىرى ئابدۇلئەزىز ئابدۇللاھ بىلەن ئۆندەر ساداي تەنتەربىيە كۇلۇبى ماھىرى گۈز ئاككالار مۇسابىقىگە چۈشتى. ئابدۇلئەزىز ئابدۇللاھ مۇسابىقە داۋامىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، رەقىبىنى مۇداپىئەدە تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. ئاخىرىدا ئابدۇلئەزىز تېز ۋە كۈچلۈك ھۇجۇمى بىلەن، رەقىبىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە يەڭدى.

4-سېنتەبىر يەنە ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبىدىن يېنىك دەرىجىلىكلەر بويىچە مۇسابىقىگە چۈشكەن ئابدۇللاھ ئابدۇسالام ئىرانلىق ماھىر بىلەن تۇتۇشقان بولۇپ، رەقىبىنى ئۇرۇپ يىقىتىپ، بەلباغقا ئېرىشتى. 

ئابدۇللاھ ئابدۇسالام مۇسابىقە داۋامىدا ماھارەتلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەقىبىنى باشتىن-ئاخىر ئۈنۈملۈك كونترول قىلدى. ئۇ ھۇجۇمىنىڭ تېزلىكى، كۈچلۈكلۈكى بىلەن رەقىبىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا پۇرسەت بەرمىدى ۋە پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، پۈتۈنلەي مۇداپىئەگە ئۆتۈۋالغان رەقىبىنى تىزلاپ يىقىتتى. ئاخىرىدا ئابدۇللاھ ئابدۇسالام شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.

ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى خالىد ئاتامان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈن مۇسابىقىدە شاگىرتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن ئىرادىسى ۋە كۈچىنى تولۇق كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىپادىسىدىن رازى ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ چوڭ مۇسابىقىلەرگە كۆپلەپ قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەشقاۋۇل خالىد ئاتامان ئەپەندى يەنە تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەنتەربىيەنىڭ بارلىق تۈرلىرىدە چېنىقىپ يېتىلىشىنى، تۈركىيەدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە شەرقىي تۈركىستان خەلقى پەخىرلەنگۈدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1197 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2021 14:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق