تېسلانىڭ خىتايدىكى زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتىنچە توختىدى

دۇنيا ماشىنا بازىرىنى زىلزىلىگە سالغان ئۆزەك كىرىزىسى تېسلاغىمۇ زەربە بەرگەن بولۇپ، شىركەت ئالدىنقى ئايدا شاڭخەيدىكى زاۋۇتىدا بىر قىسىم ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان.

خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبىدىن سىرتقا چىقىش چەكلىمىلىرىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە يولغا قويۇلۇشى پۈتۈن دۇنيادا ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ۋە بۇ سەۋەب بىلەن باشلانغان ئۆزەك كىرىزىسى ماشىنا سانائىتىگىمۇ  داۋاملىق تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئۆزەك كىرىزىسىنىڭ ئەڭ يېڭى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ماركا بولسا ئېلون ماسكنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى داڭلىق توكلۇق ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچى تېسلا بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تېسلا شىركىتى ئۆزەك كەمچىل بولغانلىقتىن، شاڭخەيدىكى زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىشنى بىر مەزگىل توختاتقان. تېسلانىڭ خىتايدىكى بىر قىسىم ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئاۋغۇست ئېيىدىمۇ تۆت كۈن تولۇق تاقىلىپ قالغان.  

تېسلا بۇ يىل 7-ئايدا خىتايدا بىر قاتار كىرىزىسلارنى باشتىن كەچۈرگەن. جۈملىدىن ماشىنا ھەيدەش بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەر سەۋەبىدىن، بازاردىكى 285 مىڭ ماشىنىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ سەۋەبتىن تېسلانىڭ 7-ئايدىكى خىتايدىكى سېتىلىش مىقدارى %69 تۆۋەنلىگەن. بۇ ۋەقەدىن كېيىن كەلگەن ئۆزەك كىرىزىسى سەۋەبىدىن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختاپ قېلىشى تېسلانىڭ خىتايدىكى تىجارىتىگە ئىككىنچى قېتىم زەربە بەرگەن.

ئۆزەك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللار بىلەن لايىھەلەنگەن ئېلېكتىرونلۇق توك يولى بولۇپ، كومپيۇتېردىن ماشىنىغىچە بولغان نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلاردا ئىشلىتىلمەكتە. جۈملىدىن يېڭى تىپتىكى ماشىنىلاردىمۇ كۆپ ساندا مىكرو ئۆزەك بار. 

ئانالىزچىلار ئۆزەك كىرىزىسىنىڭ 2021-يىلى پۈتۈن دۇنيادا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ تىجارەت پايدىسىنى 20 مىليارد دوللار تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزەك مەسىلىسى سەۋەبىدىن، يەرشارى مىقياسىدا بۇ يىل 7 مىليون 100 مىڭ ماشىنا ئاز ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچى تويوتا شىركىتىمۇ ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق 9-ئايدا ئىشلەپچىقىرىشنى %40 تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 859 قېتىم كۆرۈلدى
04/09/2021 16:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق