قورچاق ئەمەلدار شۆھرەت زاكىر خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيەنىڭ تېخنىكا تەرەققىيات خەلقئارا مۇنبىرى «Technoprom 2021» 25-ئاۋغۇستتىن 27-ئاۋغۇستقىچە رۇسىيەنىڭ يېڭى سىبىرىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا تور ئارقىلىق سۆز قىلغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان.

شۆھرەت زاكىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى يوشۇرۇپ: «شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى» دەپ بىلجىرلىغان.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىش مەقسىتىدە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن نوپۇس چەكلەش قىلمىشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلدى. قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلگەن خىتاي ھەر خىل ساختا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىش بىلەن بىرگە، خەلقئارالىق يىغىلىشلاردا پۇرسەت تاپسىلا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا.

بۇ خەۋەر 1295 قېتىم كۆرۈلدى
04/09/2021 13:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق