تالىباننى ماختىغان ئوقۇتقۇچى ئىشتىن بوشىتىلدى

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 3-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيەنىڭ نانسى شەھىرىدىكى بىر مەكتەپ فېيسبۇك ھېسابىدا تالىباننى ماختىغان ئۇچۇرنى تارقاتقان بىر ئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن بوشاتقان.

فىرانسىيە «لې فىگارو گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر مەكتەپتىكى خالىد ئىسىملىك ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تالىبانلارنىڭ 15-ئاۋغۇست كابۇلنى ئىگىلىگەنلىكى ھەققىدە يازما ئېلان قىلىپ: «تالىبانلارنىڭ مۇستەھكەم ئىمانى، ئېتىقادى ۋە چەكسىز جاسارىتى بار» دېگەن.

مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن مەكتەپ مەمۇرىيىتى خالىدنى ئىشتىن بوشىتىش ۋە ئۇنىڭ خاتالىقىنىڭ دەلىل-ئىسپات سۈپىتىدە ئۇ تارقاتقان ئۇچۇرنىڭ رەسىم نۇسخىسىنى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇشنى قارار قىلغان.

گېزىتنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر تەپتىش ئەمەلدارى: «بۇ يازمىنىڭ مەزمۇنى خالىدنى تېررورلۇقنى قوغداش جىنايىتى بىلەن ئەرز قىلىشقا يېتەرلىك» دەپ قارىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە دائىرىلىرى تالىباننى بۈگۈنگىچە تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقارمىغان. فىرانسىيە قانۇنىغا ئاساسەن «توردا تېررورلۇقنى قوغدىغۇچىلار»غا 100 مىڭ دوللار جەرىمانە ۋە يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.

تالىبانلار ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنىشكە باشلىغاندىن تارتىپ ئافغانىستاندىكى كونتروللۇقىنى كېڭەيتىشكە باشلىغان بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پايتەختنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئافغانىستاننى كونترول قىلغان. تالىبانلار يەنە 31-ئاۋغۇست ئامېرىكا ئەسكەرلىرى كابۇلدىن چېكىنگەن ھامان ئايرودۇرۇمىنى ئىگىلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تالىبان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭى ھۆكۈمەت ئېلان قىلىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسى دىققەت نۇقتىسىدا ئايلانماقتا.

بۇ خەۋەر 926 قېتىم كۆرۈلدى
04/09/2021 11:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق