لىتۋانىيە خىتايدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتتى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لىتۋانىيە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسلىھەتلىشىش مەقسىتىدە، خىتايدىكى باش ئەلچىسىنى رەسمىي قايتۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. 

تەيۋەن بۇ يىل 7-ئايدا لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنيۇستا ۋاكالەتخانا قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاي بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار دۆلەتتە «تەيۋەن» نامى ئىشلىتىلىپ قۇرۇلغان تۇنجى ۋاكالەتخانا بولغان. ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردە تەيۋەننىڭ دىپلوماتىك ئاپپاراتلىرى پەقەت رەسمىي بولمىغان «تەيبېي ئىشخانىسى» ياكى «تەيبېي ۋاكالەتخانىسى» نامىدا ئېچىلغان. خىتاي لىتۋانىيەگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، 10-ئاۋغۇست لىتۋانىيەدىن خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلغانىدى، شۇنداقلا لىتۋانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. 21-ئاۋغۇست لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئىككى تەرەپ ماسلاشتۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان بولۇپ، بالتىق دېڭىزى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بەرمەكچى بولغان.

نۆۋەتتە تەيۋەن خىتايغا نىسبەتەن ئەڭ سەزگۈر مەسىلىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر خىتاي» پىرىنسىپى دېموكراتىيەلەشكەن تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر قىسىمى دەپ قارايدىغان بولۇپ، تەيۋەننىڭ ئاللىبۇرۇن مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھەر قانداق سۆز-ھەرىكەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 861 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2021 16:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق