تالىبان: خىتاي بىزنىڭ مۇھىم شېرىكىمىز

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 2-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبان باياناتچىسى زەبىيھۇللاھ مۇجاھىد ئىتالىيە «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان كەلگۈسى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، ئافغانىستاندىكى قالايمىقان ۋەزىيەت ۋە تالىبانلارنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشى سەۋەبلىك غەرب ئەللىرى بۇ دۆلەتكە قىلىۋاتقان ياردەم ۋە مەبلىغىنى زور دەرىجىدە ئازايتقان بولۇپ، ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن. تالىبانلار خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىغا ئىنتايىن قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، زەبىيھۇللاھ مۇجاھىد مۇخبىرغا: «خىتاي بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەمراھىمىز، بۇ بىز ئۈچۈن ئالاھىدە پۇرسەت. چۈنكى خىتاي دۆلىتىمىزگە مەبلەغ سېلىش ۋە قايتا قۇرۇشنى خالايدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە تالىبانلارنىڭ خىتاينىڭ ياردىمى بىلەن ئافغانىستان ئىقتىسادىنى قايتا قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئافغانىستاندا مول مىس كان بايلىقى بارلىقىنى، خىتاينىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن بايلىق ئېچىش ھەرىكىتىنى قايتا قوزغاتقىلى بولىدىغانلىقىنى، خىتاي تالىبانلارنىڭ دۇنيا بازىرىغا يۈزلىنىشىدىكى «يول خېتى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تالىبان باياناتچىسى يەنە ئافغانىستان ئاياللىرىنىڭ داۋاملىق ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيالايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە سېسترا، ساقچى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ياردەمچى بولۇپ خىزمەت قىلالايدىغانلىقىنى، ئەمما ئاياللارنىڭ مىنىستىر بولۇش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

زەبىيھۇللاھ مۇجاھىد يەنە ئىتالىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنى تالىبانلار بىلەن دىپلوماتىك ئالاقە ئورنىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ: «بىز ئىتالىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايمىز. مەن ئىتالىيەنىڭ ئىسلامىي ھۆكۈمىتىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىنى، مەزكۇر زىيارەتنىڭ دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىشكە ۋەسىلە بولۇشىنى، ئىتالىيەنىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ قايتا ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

تالىبان باياناتچىسى يەنە كابۇلدىكى پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېقىندا تالىبان ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە تالىبان خەلقئارا جەمئىيەت ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى يېڭى ھۆكۈمەتنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش-قىلماسلىقى تالىبانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرەلىشىگە باغلىق بولۇپ قالغان.

بۇ خەۋەر 1072 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2021 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق