تالىبان قەندىھاردا غەنىيمەت ئالغان ئامېرىكا قوراللىرىنى كۆرگەزمە قىلدى

ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبانلار 1-سېنتەبىر قەندىھاردا ئۆز غەلىبىسىنى تەبرىكلەپ، غەنىيمەت ئالغان ئامېرىكا قوراللىرىنى كۆرگەزمە قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شۇ كۈنى ئافغانىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرىگە بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تالىبانلارنىڭ بايرىقى ئېسىلغان يېشىل ھەربىي ماشىنىلار تىزىلغان بولۇپ، تالىبان ئەسكەرلىرى 20 يىل داۋاملاشقان ئۇرۇش جەريانىدا ئامېرىكا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئافغانىستان ئارمىيەسى ئىشلەتكەن ئۇرۇش ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ پاراتتىن ئۆتكەن. تالىبانلار غەنىيمەت ئالغان يېنىك قوراللارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ M16 تىپلىق مىلتىقلىرىمۇ بار بولۇپ، ھەربىي ماشىنىلارغا ئېغىر تىپتىكى قوراللار ۋە ئاپتوماتلار قاچىلانغان. ئۇندىن باشقا تەبرىكلەش پائالىيىتىدە يەنە ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن غەنىيمەت ئالغان كەم دېگەندە بىر تال «قارا بۈركۈت» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرگەن. تالىبانلار ئىچىدە لاياقەتلىك ئۇچقۇچى بولمىغاچقا، تىك ئۇچارنى سابىق ئافغانىستان ئارمىيەسىدىن بىرىنىڭ ھەيدىگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالغان. بىر قىسىم تارقالغان سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چېكىنىپ چىقىشتىن بۇرۇن بىر قىسىم ئەسلىھەلەرنى، ھەربىي ماشىنىلارنى بۇزۇۋەتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تالىبانلار شۇ كۈنى كۆپ دۆلەت قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشىنى ۋە ئۆز غەلىبىسىنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بايراقلىرىنى جىنازىغا سېلىپ، جىنازا ئۇزىتىش شەكلى بىلەن تەبرىكلىگەن. قەندىھار كەركىدان مەيدانىدا تالىبانلار ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى قوللىرىدا بايراق كۆتۈرۈپ، شوئار توۋلاپ، تالىباننىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تالىبانلارنىڭ دەۋەت ۋە يېتەكلەش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئامىر خان مۇتتاكى ئاۋازلىق ئۇچۇر ئارقىلىق: «تالىبان پەنجشىر مەسىلىسىنى سۆھبەت ۋە مۇرەسسە ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق يەرلىك ئەمەلدارلار پەنجشىرنى تىنچ يول بىلەن تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشى سەۋەبلىك مەسىلە ھەل قىلىنمىدى، تالىبانلار پەنجشىر خەلقىدىن ئۇرۇشنى توختىتىپ، تالىبان ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن. نۆۋەتتە پەنجشىر ۋىلايىتىدە تالىبان ۋە قارشىلىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش داۋاملاشماقتا.

بۇ خەۋەر 1331 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2021 14:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق