ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ «دېڭىز بىخەتەرلىكى قانۇنى»غا پىسەنت قىلمىدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دېڭىز بىخەتەرلىك قانۇنى يولغا قويۇپ، دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن چەت ئەل پاراخوتلىرىدىن دوكلات سۇنۇشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە بۇنى رەت قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ «دېڭىز قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» 1-سېنتەبىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، قانۇنغا ئاساسەن سۇ ئاستى پاراخوتى، يادرو ئېنېرگىيەلىك پاراخوت قاتارلىق بەش خىل چەت ئەل پاراخوتىدىن خىتاي دەۋا قىلىۋاتقان تېررىتورىيەدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن پاراخوتنىڭ ئىسمى، چاقىرىش سىگنالى، نۆۋەتتىكى ئورنى، بارماقچى بولغان مەنزىلى ۋە يۈكلىرىنى خىتاي تەرەپكە مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغان. ئاتالمىش قانۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېررىتورىيەلەر خىتاينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى خىتاي زېمىن تەلىپى قىلىۋاتقان شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزىدىكى ئاراللار ۋە تەيۋەن ئەتراپىدىكى 12 دېڭىز مىلى كېلىدىغان رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى پەيشەنبە بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى جاكارلاپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، خەلقئارا قانۇن رۇخسەت قىلغان ھاۋا بوشلۇقى ۋە دېڭىز رايونلىرىدا داۋاملىق ئەركىن يول يۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق دۆلەت چوڭ-كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خەلقئارادا قوبۇل قىلىنغان دېڭىز تېررىتورىيەسى قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ دېڭىزدىكى ھەددىدىن ئاشقان قانۇنسىز تەلىپىگە ئىزچىل قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىمۇ بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئاۋسترالىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ خىتاينىڭ بۇ قانۇنىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى، خەلقئارا قانۇن يولغا قويغان ئەركىن دېڭىز يۈرۈشى قانۇنىنى قوغداشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي چىقارغان ئاتالمىش «دېڭىز قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»غا ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيەدىن باشقا غەرب دۆلەتلىرىمۇ قارشى بولۇپ، خىتاي زېمىن دەۋاسى ئوتتۇرىغا قويغان دېڭىزدىكى ئورۇنلارنى خەلقئارالىق دېڭىز رايونىغا تەۋە، دەپ قارايدىكەن. جەنۇبىي دېڭىز ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ تەلىپىگە قوشۇلمايدىكەن. ئۇندىن باشقا خەلقئارا كېسىم سوتىمۇ 2016-يىلى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى «توققۇز بۆلەكلىك لىنىيە» زېمىن تەلىپىنى رەت قىلغان.

بۇ خەۋەر 1570 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2021 14:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق