ياۋروپا ئىتتىپاقى-تەيۋەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى خىتاينى جىددىيلەشتۈردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەيۋەن بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتا مۇھىم بىر قەدەم تاشلىغان بولۇپ، بۇ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى 1-سېنتەبىر «ياۋروپا-تەيۋەن سىياسىي مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق» تەكلىپىنى مۇتلەق كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللىغان. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان تۇنجى سىياسىي تەكلىپى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتىكى قانۇنىي ئاساس بولۇپ قالغان.

تەكلىپتە: «تەيۋەن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ھەمراھى ۋە دېموكراتىك ئىتتىپاقدىشى. شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر خىتاي سىياسىتى ئاساسىدا تەيۋەن بىلەن تېخىمۇ قويۇق ۋە كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ» دېيىلگەن.

مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنغۇچى شىۋېتسىيەلىك ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى چارلى ۋىمېرس (Charlie Weimers) بولۇپ، تاشقى ئىشلار كومىتېتى بۇ تەكلىپنى ئاۋازغا قويغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېساباتىدا: «بۇ بىر تارىخىي كۈن، چۈنكى بۇ مۇشۇ تۈردىكى تەكلىپنىڭ تۇنجى قېتىم ماقۇللىنىشى» دەپ يازغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئوخشاش كۈندە يەنە بىر تۈزىتىش لايىھەسىنى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ لايىھەدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئورگىنىنى «ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ئىشلىرى ئىشخانىسى»دىن «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئىقتىساد-سودا ئىشخانىسى» قىلىپ ئۆزگەرتىش، بۇ ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ پەقەت ئىقتىساد-سودا جەھەتتىنلا ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئومۇميۈزلۈك بولۇشى كېرەكلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، «ياۋروپا-تەيۋەن سىياسىي مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق» تەكلىپ لايىھەسى رەسمىي قانۇن قىلىپ يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا تەستىقلىنىشى كېرەك ئىكەن.

خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇ كۈنى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، دوكلاتنىڭ بىر خىتاي پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن غەيرىي رەسمىي ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا لىتۋانىيەمۇ تەيۋەندە ۋاكالەتخانا قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە شۇنداقلا تەيۋەن تەرەپنىڭ لىتۋانىيەدە «تەيۋەن» نامىنى قوللىنىپ، ۋاكالەتخانا قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغانىدى. بۇ ۋەقە خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، خىتاي لىتۋانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىش بىلەن بىرگە، لىتۋانىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 1582 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2021 11:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق