ئەنگلىيەدە شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى باشلاندى

1-سېنتەبىر ئەنگلىيەدىكى نىيۇكاسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مەسىلىسى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى باشلاندى.

مۇھاكىمە يىغىنىغا داڭلىق ئاكادېمىكلار، قانۇنشۇناسلار، سىياسىيونلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قاتناشقان بولۇپ، جەمئىي ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىكەن. بۇ كۆپ ساندىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىشى بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىشقا ئۇرۇنۇشىدىكى ئەڭ يېڭى ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە دىنىي باستۇرۇش قاتارلىق ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئىسپاتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قانداق قىلىپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىك قىلمىشىنى توختىتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى، ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى جو سىمىس فىنلې(Jo Smith Finley)بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ ئىشنىڭ پەقەت ئىلمىي مەسىلە دەپلا قارالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەربىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە تەسىر كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، خىتايغا قارىتىلغان بېسىمنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل زىيانكەشلىك ھەرىكىتىنى توختىتالايدىغان مۇۋاپىق يول تېپىشىمىز كېرەك» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە: «بۇ بىر زور ئىنسانىي ئاپەت، ئۇنىڭ تەخىرسىزلىكى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە... بۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقمۇ ياكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىمۇ ۋە ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتمۇ؟ بىز بۇنى قانداق ئەرز قىلالايمىز؟ بىز بۇ ئاپەتنىڭ داۋاملىشىشىنى قانداق قىلىپ توسۇپ قېلىش ھەققىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، سىمىس فىنلې نىيۇكاسىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى بولۇپ، خىتاي ئۇنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. ئۇ 2007- ۋە 2015-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىككى كىتاب نەشر قىلدۇرغان.

يىغىنغا يەنە يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە كۆپلىگەن دوكلاتلارنى ئېلان قىلغان گېرمانىيەلىك مەشھۇر تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزمۇ تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازايتىشتىكى مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى ھەققىدە رەسمىي ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئەنگلىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇلاردىن سىرت، ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق، دەپ قاراپ ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى سودىسىغا قاتناشقان شىركەتلەرگە جازا يۈرگۈزدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيەمۇ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزدى.

بۇ خەۋەر 1248 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2021 12:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق