خىتاي «كەنتلەر قوشماقلىشىش» نامىدا خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا قىزىقتۇرماقتا

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 30-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئاتالمىش «كەنتلەر قوشماقلىشىش» نامى بىلەن خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئاققۇنلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ جەلپ قىلىشنى كۈچەيتكەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى 2020-يىلى خۇنەن ئۆلكىسىدىكى خۇايۈەن ناھىيەسى شىبادۇڭ كەنتى بىلەن ئاتالمىش «قوشماقلاشقان كەنت» قىلىپ چېتىلغان. ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى» كەنتلەر بىلەن كەنتلەرنى قوشماقلاشتۇرۇپ، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تېخىمۇ جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بايلىقتىن تەڭ بەھرىلىنىش، كەسىپلەرنى تەڭ گۈللەندۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلار تەكىتلىگەن .

خىتاي يەنە ئاتالمىش «كەنتلەر قوشماقلىشىش» تەدبىرىدىن باشقا، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»نى كۈچەيتىش نامىدا خۇنەن ئۆلكىسىدىكى 100 پۇقراۋى كارخانا ۋە خۇنەن ئۆلكىسى ئاتالمىش «شىنجاڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى»دىكى كارخانىلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان.

ئۇندىن باشقا خىتاي مىكرو شەكىلدىكى ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»نى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا-قىشلاقلىرىغىچە كېڭەيتكەن بولۇپ، بۇ نامدا كەنتلەرگە ئەۋەتىلگەن خىتايلار خەلق ئاممىسىنى نازارەت قىلغان.  

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبلىك، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جازاسىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بىر تەرەپتىن ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن خىتاي شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايلارنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىختىساسلىقلارنى يۆتكەش» دېگەندەك ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە قىزىقتۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 1786 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2021 11:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق