ياپونىيە خىتاي تەھدىتىگە قارشى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ھەربىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش، تەتقىقات ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 2022-يىلى 5 تىرىليون 480 مىليارد يىن (تەخمىنەن 50 مىليارد دوللار) مۇداپىئە خامچوتى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلغان. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەگەر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەلەپ قىلغان يېڭى مۇداپىئە خامچوتى لايىھەسى مالىيە مىنىستىرلىكى ۋە پارلامېنت تەرىپىدىن تولۇق تەستىقلانسا، ياپونىيە تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇداپىئە خامچوتى بولۇپ قالىدىكەن. بۇ خامچوت 2021-يىللىق مۇداپىئە خامچوتىدىن %2.6 يۇقىرى بولۇپ، ئىلگىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇداپىئە خامچوتى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %1 ىگىمۇ يەتمەيدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيەنىڭ ھەربىي چىقىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %1 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكىدىكى چەكلىمىلەرنى تۇنجى قېتىم 1976-يىلى مىكى تاكو كابىنېتى بەلگىلىگەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت ياپونىيەنىڭ يەنە بىر ھەربىي كۈچكە ئايلىنىپ، بۇرۇن تاجاۋۇز قىلغان قوشنا دۆلەتلەرگە قايتا تەھدىت شەكىللەندۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن. ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىدا يەنە ياپونىيەنىڭ ھەربىي كۈچىنى پەقەت مۇداپىئە ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي مۇداپىئەسى ۋە ھەربىي ئىشلار ساھەسىگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغان ۋە يىللىق مۇداپىئە خامچوتى ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنىڭ بەش ھەسسىسىگە يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئايروپىلانلىرى ۋە پاراخوتلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز، شەرقىي دېڭىز ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى پائالىيەتلىرى كۈنسېرى كۈچەيگەندىن باشقا، دېڭىزدا زېمىن تەلىپى قىلىشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نوبۇ كىشى بۇ يىل ماي ئېيىدا ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ كېڭىيىشىگە قارىتا: «ياپونىيە مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئىلگىرىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان سۈرئەتتە ئۆستۈرۈشى كېرەك» دېگەن.

نوبۇ كىشى يەنە: «ياپونىيە دۇچ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك مۇھىتى تېز ئۆزگىرىپ، ئېنىقسىزلىق زور دەرىجىدە ئاشتى. بىز بۇ دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئاجراتماقچى بولغان خىراجەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئويلاشماي، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا دۆلىتىمىزنى قوغداشقا كېرەكلىك خىراجەت ئاجرىتىمىز» دېگەن.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنىڭ ئەڭ يېڭى لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە كېلەر يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ سەككىز دانە F-35A تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان، تۆت دانە F-35B تىك ئۇچۇپ- قونىدىغان كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالىدىكەن. بۇلارنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 1 مىليارد 183 مىليون دوللار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1764 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2021 10:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق