نورۋېگىيە شىركىتى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالغان

تۈركىيە ئىستىقلال تورىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نورۋېگىيەدىكى بىر سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىشلىق ئۈچ خىتاي شىركىتىگە مەبلەغ سالغانلىقى ئاشكارىلانغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نورۋېگىيەدىكى سۇغۇرتا شىركىتى «Storebrand» ئاساسلىقى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە تۈرىگە مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ شىركەتكە تەۋە «يېشىل ئېنېرگىيە» فوندى نورۋېگىيە پۇقرالىرىنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىغان. 

ئۇچۇر ۋە تەتقىقات مەركىزى «تېخنىكا ئوچۇق-ئاشكارىلىقى قۇرۇلۇشى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىدە ئاشكارىلىنىشىچە، نورۋېگىيەلەرنىڭ Storebrand ئارقىلىق مەزكۇر «يېشىل تۈر»گە سالغان 370 مىليون كىرون مەبلىغى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ خىتاي شىركىتىگە چېتىلىدىكەن.

نورۋېگىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى NRK نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، Storebrand سۇغۇرتا شىركىتى خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئالتۇن شامال پەن-تېخنىكا شىركىتى»، «جىڭكۇ ئېنېرگىيە پاي كونترول شىركىتى» قارلىق ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىلغان خىتاي شىركەتلىرىگە جەمئىي 370 مىليون نورۋېگىيە كىرونى مەبلەغ سالغان. 

يۇقىرىقى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئارقىسىدا ئاتالمىش «يۆتكەپ ئىش ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى خىتاي شىركەتلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھادىسىسىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بىراق خىتاي تەرەپ ۋە شىركەتلەر ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1318 قېتىم كۆرۈلدى
01/09/2021 15:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق